باش بەت    بايانات    ھەقلىق ئەزالار ھەققىدە        ئالاقىلىشىڭ    ھەقسىز رەسىملەر    ياردەم    سۆز قالدۇرۇڭ    بىز كىم
   ھازىرقى ئورنىڭىز:: باش بەت  -> بىز كىم

بىز كىم؟

  ئانايۇرتۇم تور بىكىتى بارلىق ئۇيغۇرلار ئۇچۇن،دۇنيادىكى ھەممە خەلىقلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى چۇشۇنىشى ئۇچۇن قۇرۇلغان تور بىكەت. بۇ تور بىكەت  ئۇزىنىڭ مۇددىئاسىنى رەسىم ۋە فىلىم شەكلىدە كۆرۈرمەنلەرگە بىلدۇرىدۇ.
تور بىكەتكە ماتېرىال توپلاش ئۇچۇن ئەڭ ئىلغار رەسىم ئاپپاراتى ھەم ئىلغار كامېرالار بىلەن قۇراللىنىشقا توغرا كەلدى،شۇنداقلا پۇتكۇل ئۇيغۇر دىيارىمىزنى كېزىپ، قەيەردە كىرەكلىك كۈرۇنۈشلەر بولىدىكەن، ماشىنا بولسا ماشىنىدا، بولمىسا موتسىكىلىتتا، ئىشەك ھارۋىللىرىدا، ئۇمۇ بولمىسا ئىككى پۇتۇم بىلەن بىرىپ تارتىپ كەلدىم، مەن ماڭمىغان تەكلىماكان قوملىقلىرى، پايانسىز ئىدىرلىقلار، چۆللۈكلەر ، گۈزەل تاغ- دەريالىرىمىز قالمىدى. تور بىكەتتىكى بارلىق رەسىم ۋە فىلىملەربىرىنجى قول ماتېرياللاردىن ئىبارەت. ھەرگىز بىرەرسىدىن كۆچۈرۇۋالغان نەرسىلەر ئەمەس.
تور بىكىتىمىزگە ئەزا بولغانلارنىڭ رەسىم ۋە فىلىملەرنى پايدىلىنىش ئۇچۇن چۇشۇرۇۋېلىشنى ئېچىۋەتتۇق، لىكىن تارقىتىشقا روخسەت يوق،بۇنىڭدا جاۋاپكارلىق سۇرۇشتۇرۇلىدۇ.
تور بىكىتىمىز يېپىق شەكىلدىكى، ھەقلىق مۇلازىمەت قلىدىغان تور بىكەت.
ئەلبەتتە شۇنچىلىك چىقىم بولغانىكەن لايىقىدا كىرىمىمۇ بولىشى كىرەك، بولمىسا قىلىۋاتقان بۇ خەيىرلىك ئىشىمىز كىيىنكى ھاجەتلىرى ئۈچۇن كىتىدىغان خىراجەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ، شۇ سەۋەپتىن ھەقلىق تور بىكەت قىلىشقا توغرا كەلدى.
ئاخىرىدا بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ قوللاپ- قۇۋۋەتلىشىنى ئۇمۇت قىلىپ ،سىلەرگە ئالى ئېھتىرام بىلدۇرىمەن.
 

 كەڭ قېرىنداشلارنىڭ نەشىر ھۇقۇقى ۋە ئەسەر ھۇقۇقىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئانا يۇرتۇم تور بىكىتىدىكى مەزمۇنلاردىن بەھرىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش:  ئانايۇرتۇم  تور بىكىتىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ چۈشەندۈرۈش ھۇقۇقى  ئانايۇرتۇم تور بىكىتىگە تەۋە.

 

ھۆرمەت بىلەن :  ئانايۇرتۇم تور بىكىتى

تور بەت قۇرغۇچى: ئوسمان(ئۇردەك)

 

 

 

 

 

                              باش بەتلىۋېلىڭ    خەتكۈچلەش   网站留言        باش بەتكە قايتىش

             Wwww. AnaYurtum.Com     CopyRight 2008